ئاسىيە ئۇيغۇر
2 min readSep 26, 2022

--

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى«ئىرقىي قىرغىنچىلىق» جىنايى مەسئۇلىيىتىدىن قۇتۇلۇشىنىڭ بىردىنبىر يولى، ئۇيغۇرلارنى خەلقئارا تېرورلۇققا قايتا باغلاشتۇر

ئاسىيە ئۇيغۇر

خىتاي ھاكېمىيىتى 80-يىللاردىلا ئۇيغۇرلارنى پۈتۈنلەي يوقىتىشنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك پىلانىنى يولغا قويۇپ بولغان. يەنى، خىتاينىڭ ئاتالمىش «ئىسلاھات»تىدىن كېيىنلا، ئۇيغۇرلارنىڭ «ئۈچ خىل كۈچ»كە ئايلىنىپ قېلىشى بىر بىرى بىلەن مۇناسىۋەتسىز مەسىلىلەر ئەمەس! خىتاي ھۆكۈمىتى ھەتتا«ئۈچ خىل كۈچ»لەرنى يىلتىزىدىن يوقىتىش ئۈچۈن «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى»دىن ئىبارەت ئۇيغۇرلارنى يوقىتىشنى نىشان قىلغان خەلقئارالىق ئورگاننى قۇرۇپ چىققان. ئۇيغۇرلارنى تېرورلۇق تۆھمىتى ئاستىدا خىتاي ئىچى ۋە خەلقئارانىڭ ئورتاق دۈشمىنىگە ئايلاندۇرغان.

ئۇيغۇرلار خىتاي ھاكېمىيىتى تەرىپىدىن خەلقئارا تېرورىزمغا باغلاپ قويۇلۇش بىلەن تارىختىكى ئەڭ ئېغىر قىسمەتلەرگە دۇچار قىلىندى. بولۇپمۇ 2001-يىلى يۈز بەرگەن 11- سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھاكېمىيىتى تەرىپىدىن خەلقئارا تېرورىزم بىلەن باغلاپ قويۇلۇشى ۋە خەلقئارادا تېرورلۇق بىلەن ئەيىبلىنىشى، ئۇيغۇرلارنى كېيىنكى يىگىرمە نەچچە يىلدا قانلىق قىسمەتلەرگە دۇچار قىلدى.

گەرچە بۈگۈن ئامېرىكا ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقئارا تېرورىزم بىلەن ئالاقىسى يوقلىقىنى ئېتىراپ قىلغان ۋە بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرى بۇ قاراشنى قوبۇل قىلغان بولىسمۇ، ئەمما پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا زور كۆپ سانلىق دۆلەتلەر ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقئارا تېرورىزم بىلەن ئالاقىسىنىڭ بار ياكى يوقلىقى مەسىلىسىدە، خىتاي بىلەن بىر سەپتە تۇرماقتا.

مەسىلە ئېنىقكى، خىتاينىڭ بۈگۈنكى كۈنلۈكتە ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىدىن قېچىپ قۇتۇلۇشىنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك يولى، ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقئارا تېرورىزم بىلەن ئالاقىدار ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشتۇر. ئەگەر ئۇيغۇرلار راستتىنلا خىتاي دېگەندەك، خەلقئارادا قايتىدىن «تېرورچى» دەپ قارالغىنىدا، خىتاي ئاندىن ئۇيغۇرلار ئۈستىدە ئۆتكۈزگەن جىنايەتلىرى ئۈچۈن ھېچقانداق بەدەل تۆلىمەيدۇ. ئەكسىچە، ئۇيغۇرلارنى تېرورچى، بۆلگۈنچى ۋە ئەسەبىي بولغانلىقى ئۈچۈن لاگىرلارغا قامىغانلىقىدەك «سىياسىي تۈزۈلمىسى»دىن پەخىرلىنىدۇ ۋە ئۇنى دېموكراتىيەنىڭ ئورنىنى ئالىدىغان يېڭى تۈزۈلمە سۈپىتىدە دۇنياغا تەقدىم قىلىدۇ.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار بۈگۈنكى خىتايغا قارشى كۆرەش يولىدا مۇقەررەر يوسۇندا خەلقئارا قانۇن — نىزاملار ۋە ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەرنىڭ قانۇن — نىزاملىرى ئاساسىدا خىىتايغا بولغان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بېرىشى كېرەك. ئەمما شۇنىڭغا قاتتىق دىققەت قىلىش كېرەككى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى قايتىدىن «خەلقئارا تېرورىزم»غا باغلاش ئېھتىماللىقى بولغان ھەرقانداق ھەرىكەتلەردىن يىراق تۇرۇشى زۆرۈر.

ئەكسىچە بولغاندا، ئۇيغۇرلار 2001-يىلى 11-سىنتەبىر ۋەقەسىدىن بۇيانقى يىگىرمە نەچچە يىللىق قانلىق قىسمەتلەرنى قايتا تەكرارلاشلا ئەمەس، بەلكى تېخىمۇ قاباھەتلىك بولغان خىتاي ئىچى ۋە سىرتىدا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق»قا ئۇچراش ئېھتىماللىقى تۇغۇلىدۇ. تېخىمۇ ئېچىنىشلىقى، بۇ ھادىسە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن،«ئۆزىنىڭ ئۆلۈم خېتىنى ئۆزى تەييارلىغانلىق، خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىدىن قۇتۇلۇشىغا شارائىت ھازىرلىغانلىق، خىتايغا ياردەم قىلغانلىق» بولۇپ، خىتاي بىلەن بولغان بۇ كۆرەشنىڭ مەغلۇبىيىتىگە ئاساس بولىدۇ!

--

--