ئاسىيە ئۇيغۇر
6 min readSep 17, 2022

--

خىتاي ۋە «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى»نىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئۇرۇشى!

ئاسىيە ئۇيغۇر

14-سېنتەبىر شى جىنپىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا سەپىرىنى باشلىدى. گەرچە سەپەرنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى ئۆزبېكىستاندا ئۆتكۈزىلىدىغان «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» ئەزا دۆلەتلەرنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن بولسىمۇ، ئەمما شى جىنپىڭ ئۈچۈن بۇ سەپەر ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە بىر پۇرسەتتۇر. چۈنكى بۇ سەپەر خىتاينىڭ غەرب دۇنياسىغا قارشى دۇنياۋىي كۈچ بىرلىكى ھاسىل قىلىشى ۋە بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى «تېرورلۇققا قارشى كۈرەش» نىڭ بۈيۈك غەلبىسىگە ئايلاندۇرۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم سەپەردۇر.

«شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى

«شاڭخەي بەش دۆلەت كېلىشىمى» بولسا، «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» نىڭ ئەڭ دەسلەپكى قۇرۇلمىسىدۇر. «شاڭخەي بەش دۆلەت كېلىشىمى» 1996-يىلى ۋە 1997-يىلى شاڭخەيدە ئىمزالانغان «چېگرا رايونلاردا ھەربىي ساھەدە ئۆز ئارا ئىشىنىش كېلىشى» ۋە «چېگرا رايوندىكى ھەربىي كۈچلەرنى ئۆز ئارا ئازايتىش كېلىشىمى» نى كۆرسىتىدۇ. يەنى ئاتالمىش «شاڭخەي بەش دۆلەت كېلىشىمى» دەل بۇ ئىككى كېلىشىم ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن. بۇ كېلىشىمنىڭ شاڭخەيدە ئىمزالىنىشى ۋە «شاڭخەي» نامى بىلەن ئاتىلىشىدىنلا مەزكۈر بەش دۆلەت ھەمكارلىقىنىڭ خىتاي تەرىپىدىن شەكىللەندۈرۈلگەنلىكىنى پەرەز قىلىش تەس ئەمەس. دەرۋەقە، خىتاي ھۆكۈمىتى 1996-يىلىدىن باشلاپ ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچلەر» لەرگە قارشى تۇرۇش باھانىسىدا، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە رۇسىيە بىلەن خەۋپسىزلىك جەھەتتىكى ئىتتىپاقداشلىق نامىدا بۇ تەشكىلاتقا ئاساس سالغان.

1996-يىلى 3-ئايدا جياڭ زېمىن ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچ»، يەنى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان «7-نومۇرلۇق مەخپىي ھۆججەت» نى ئېلان قىلدى. مەزكۈر ھۆججەت 1996-يىلى بېيجىڭدا چاقىرىلغان خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ «شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش» توغرىسىدىكى يىغىنىڭ خاتىرىسى ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «7-نومۇرلۇق ھۆججىتى» دە، «نۆۋەتتە شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ئاساسلىق خەۋپ-تېرورلۇق، بۆلگۈنچىلىك ۋە ئەسەبىيلىكتىن ئىبارەت ‹ئۈچ خىل كۈچ›» دەپ كۆرسەتكەن. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلارنى «ئۈچ خىل كۈچ» نامىدا يوقىتىشقا قانۇنىي ئاساس ياراتقان.

2001-يىلى «11-سىنتەبىر ۋەقەسى» يۈز بېرىشتىن 3 ئاي بۇرۇن، «شاڭخەي بەش دۆلەت كېلىشىمى» ئاساسىدا «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» شاڭخەيدە «ئۈچ خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىش» باش نىشان قىلىپ قۇرۇلغان.

دېمەك، «شاڭخەي بەش دۆلەت كېلىشىمى» خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى يىلتىزىدىن يوقىتىشنىڭ تۇنجى قەدىمى بولسا، «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» نىڭ قۇرۇلۇشى، ئۇيغۇرلارنى خەلقئارا ھەمكارلىق ئاستىدا يوقىتىشنىڭ باشلىنىشى ئىدى.

دەرۋەقە، «11-سېنتەبىر ۋەقەسى» دىن كېيىنلا ئۇيغۇرلار خەلقئارا تېرورلۇققا باغلىنىپ، دۇنيانىڭ نەزەرىدىن يىراق قالدۇرۇلدى. چۈنكى 1970-يىللارنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە خىتايدا قاباھەتلىك 10 يىللىق «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» نىڭ مالىمانچىلىقلىرى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتالمىش «ئىسلاھات ۋە ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش» سېپىدىن تېپىپ چىقىرىلىشى، ئۇيغۇرلارنى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ دۈشمىنىگە ئايلاندۇرۇشنىڭ دەسلەپكى ئالامەتلىرى ئىدى. چۈنكى دېڭ شياۋپىڭ 1978-يىلى ئاتالمىش «ئىسلاھات ۋە ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش سىياسىتى» نى يۈرگۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندا، خىتاينىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى يولى- «سوققان چوتنى ئاشكارىلىماسلىق» (韬光养晦) بولىدۇ دەپ يوليورۇق بەرگەن. بۇ سۆز خىتاينىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى خەلقئارا دىپلوماتىيەدىكى ئىش قىلىش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىدىغان سۆزلۈك بولۇپ، ئاساسلىق مەقسىتى ۋە قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى خەلقئارادىن سىر تۇتۇش، ئىشلارنى يەڭ ئىچىدە قىلىش قاتارلىقلارنى مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ. شۇنداق بولغاچقا، 1980-يىللارنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ ھەقسىز مۇئامىلىلىرىگە قارشى «دېموكراتىيە، باراۋەرلىك ۋە ئەركىنلىك»، شۇنداقلا «مۇستەقىللىق ۋە ھۆرلۈك» ئۈچۈن كۆتۈرگەن چوقانلىرى خەلقئارادىن سىر تۇتۇلغان ئىدى. ھەتتا بۈگۈنگىچە خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇرلارغا ئارتقان تېرورلۇق، ئەسەبىيلىك ۋە بۆلگۈنچىلىك تۆھمەتلىرى ئارىسىدا 80-يىللاردىكى ئاشۇ ئاۋازلار يەر ئالغان ئەمەس. چۈنكى بۇنداق ئاۋازلار خەلقئارادا ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچ» لەرگە ئەمەس، بەلكى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى قانۇنسىز باستۇرۇشلىرىنى ئېچىپ بېرىدۇ. شۇنداقلا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىدەك ھەقىقەتنى ئاشكارىلايدۇ. بۇنداق بولغاندا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئاساسى تەۋرىنىپ قالىدۇ.

«شاڭخەي بەش دۆلەت كېلىشىمى» ۋە «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» بولسا، ئۇيغۇرلارنى «شەرقىي تۈركىستان بۆلگۈنچىلىرى، تېرورچىلىرى ۋە ئەسەبىيلىرى» دېگەن تۆھمەت ئاستىدا خەلقئارا تېرورىزمغا مەھكەم باغلاپ، ئۇلارنى دۇنيانىڭ دۈشمىنىگە ئايلاندۇرۇۋېتىش، ئاندىن تەلتۆكۈس يوقىتىشنى مەقسەت قىلىپ قۇرۇلغان بىر تەشكىلاتتۇر. دېمەك، «11-سېنتەبىر ۋەقەسى» دىن كېيىنكى «خەلقئارا تېرورىزمغا قارشى تۇرۇش» دولقۇنىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت سۈپىتىدىكى قانۇنلۇق تەلەپلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «شەرقىي تۈركىستان ئۈچ خىل كۈچلىرى» نامى ئاستىغا ئەپچىللىك بىلەن يوشۇرۇلۇپ، ئاقىۋەتتە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئاساسىغا ئايلاندۇرۇلغان.

شى جىنپىڭنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا سەپىرى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا بەرگەن سىگنالى

خىتاي، «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» نى قۇرغۇچى ئاساسلىق دۆلەتلەرنىڭ بىرىدۇر. خىتاي، «شەرقنىڭ ناتو» سى دەپ ئاتىلىۋاتقان بۇنداق بىر تەشكىلاتنى قۇرۇپ چىققىنىدىن ۋە ئۇنىڭدىن ئېرىشكەن پايدىلىرىدىن ئىنتايىن مەمنۇن. بۇ ۋەجىدىن مەزكۈر تەشكىلاتنى كۈچلەندۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش، خىتاينىڭ ئەڭ مۇھىم نىشانلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» نىڭ خىتاي دىپلوماتىيەسىدىكى رولى ئىنتايىن مۇھىم. چۈنكى ئۇنىڭ ئەزالىرى ئىچىدە خىتاي، رۇسىيە ۋە ھىندىستاندىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ دۆلەت بار. نۆۋەتتە ئىرانمۇ مەزكۈر تەشكىلاتقا ئەزا بولۇپ كىرىپ، «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» ياۋرو-ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا، ھەتتا خىتاينىڭ چوڭ قۇرۇقلۇق رايونلىرىغا قوشنا دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، قاپلاش دائىرىسى غايەت زور بىر تەشكىلاتقا ئايلاندى. خىتاي بىلەن رۇسىيە ئۈچۈن «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» چېگرا بىخەتەرلىكىنى قوغداشتىكى مۇستەھكەم قورغان بولۇپ، خىتايغا نىسبەتەن بۇنىڭ قىممىتى ناھايىتى زوردۇر. بۇ ۋەجىدىن خىتاي ھۆكۈمىتى شى جىنپىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن، 2013-يىلى خىتاينىڭ «مارشال پىلانى» دەپ ئاتالغان ئاتالمىش «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنى رەسمىي يولغا قويغان ئىدى.

كۆزەتكۈچىلەر، بۇ قېتىم سەمەرقەنتتە ئېچىلغان «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» غا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى يىغىننىڭ ئاساسلىق مەقسىتى، غەربكە قارشى بىرلىكسەپ ھاسىل قىلىش ئىكەنلىكى تەخمىن قىلماقتا. چۈنكى ئۇكرائىنا ئۇرۇشى باشلانغاندىن بۇيان خىتاي ھېچقاچان رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان تاجاۋۇزچىلىقىنى ئەيىبلىگەن ئەمەس. گەرچە رۇسىيەنى قوللايدىغانلىقىنى ئاشكارا بىلدۈرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئارىسىدىكى ئۇرۇشتا ھەرگىزمۇ غەرب تەرەپتە سەپ تۇتمىغانلىقى ناھايىتى ئېنىق رېئاللىق ئىدى. ئانالىزچىلار گەرچە خىتاينىڭ بۇ ئۇرۇشتا رۇسيەنى ئاشكارا قوللاش ئېھتىماللىقى ھەققىدە ھەر خىل پەرەزلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي يەنىلا رۇسىيەنى ئەيىبلىمەسلىك بىلەنلا كۇپايىلەندى. بۈگۈن قارايدىغان بولساق، بۇنداق كۇپايىلىنىشتىكى مەقسەتنىڭ «توپىلاڭدىن توقاچ ئوغرىلاش» ئىكەنلىكى سۇ يۈزىگە چىقماقتا. يەنى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا ئويلىمىغان يەردىن ئاجىز كېلىشى، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى كۈچىنى مۇستەھكەملەشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتىنى ھازىرلىغان ئىدى.

دەرۋەقە، شى جىنپىڭ بۇ قېتىملىق يىغىندىن پايدىلىنىپ ئۆزىگە قوشۇن توپلاپ، ئامېرىكاغا قارشى كۈچ بىرلىكى شەكىللەندۈرۈشنى مەقسەت قىلغانلىقى ئېنىق. رۇسىيە بولسا ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىكى مەغلۇبىيىتى سەۋەبلىك خىتايغا تېخىمۇ باغلىنىپ قېلىشى مۇمكىن. بۇنىڭ نەتىجىسىدە «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» كاتېگورىيەسىدە خىتاينىڭ تەسىرى يەنە بىر بالداق كۆتۈرۈلىدۇ.

نۆۋەتتە خىتاي ھاكىمىيىتى ئامېرىكا باشلىق غەرب دۇنياسى بىلەن ئىدېئولوگىيەلىك سۈركىلىش ھالىتىدە تۇرماقتا، بۇ ھالەت نۆۋەتتە تېخىمۇ قويۇق بولغان «سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى» نىڭ يېڭى بىر مەيدان شەپىسىنى بەرمەكتە. ئامېرىكا باشلىق غەرب دۇنياسى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممەت قاراشلىرى بولغان ئەركىنلىك، باراۋەرلىك ۋە دېموكراتىيە پىرىنسپلىرى ئاساسىدا دۇنيانىڭ يېڭى كۈنتەرتىپىنى بارلىققا كەلتۈرگەن ۋە «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى» نىڭ قۇرۇلۇشىغا ئاساس سالغان ئىدى. ئامېرىكانىڭ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك داۋاملاشقان «سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى» غەرب قىممەت قاراشلىرىغا تەھدىت پەيدا قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئاقىۋەتتە بۇ ئۇرۇش غەربنىڭ غەلىبىسى ۋە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشى بىلەن نەتىجىلەنگەن ئىدى. ھالبۇكى، «سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى» ئاخىرلىشىپ، خەلقئارادىكى كوممۇنىست دۆلەتلەر بىر بىرلەپ يېمىرىلىپ، پۈتكۈل دۇنيا «يەرشارىلىشىش» قا يۈزلەنگەندە، غەرب قىممەت قاراشلىرى يەنە بىر قېتىم ئىدېئولوگىيەلىك ئېغىر كرىزسقا دۇچ كەلدى. بۇ كرىزس دەل كوممۇنىزم ئىدېئولوگىيەسىنى ساقلاپ، غەربنىڭ ئەركىن بازىرىدا تەرەققىي قىلىش ۋە كۈچلىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن خىتاي ئىدى. ھالبۇكى، خىتاي كۈچلەنگەندىن كېيىن، ئۆز تۈزۈلمىسىنىڭ غەرب دېموكراتىك قىممەت قاراشلار ئاساسىدىكى تۈزلمىلەردىن ئەۋزەل ئىكەنلىكىنى تەشۋىق قىلىشقا باشلىدى.

ئەمەلىيەتتە خىتاي خەلقئارادا بازارغا سېلىۋاتقان «تۈزۈم ئەۋزەللىكى» نىڭ يىلتىزى دەل «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» نىڭ قۇرۇلۇشىغا ئاساس بولغان «ئۈچ خىل كۈچكە زەربە بېرىش» خەلقئارالىق ھەمكارلىق سىستېمىسىدۇر. بۇ ھەمكارلىق سىستېمىسى ئاستىدا خىتاي ھەرقايسى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە ھاكىمىيەتكە تەھدىت دەپ قارالغان كۈچلەرنى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا پاكىز تازىلاش پۇرسىتىنى ھازىرلىغان ئىدى، شۇنداقلا ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدا ئۆز ئارا ئىشەنچ ئاساسىدىكى ھەمكارلىق رامكىسىنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەن ئىدى. بۇ دەل «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» نىڭ قۇرۇلغاندىن بۇيانقى خىزمەت مېخانىزىمىدۇر. دىكتاتۇر دۆلەتلەرنىڭ بۇ تەشكىلاتقا ئەزا بولۇشى ۋە قوللىشى خىتاينىڭلا ئەمەس، بەلكى ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكى مەنپەئەتلىرىگە ئۇيغۇندۇر. ئۇلار بۇ تەشكىلات ئىچىدە ئۆزىگە كېلىدىغان ھەرقانداق تەھدىتلەرگە ئورتاق تاقابىل تۇرۇش بىلەن بىرگە، ئۆزى ئىستىگەن پايدا-مەنپەئەتلەرگىمۇ ئېرىشەلەيدۇ. ھالبۇكى، غەرب دېموكراتىك قىممەت قاراشلىرىنى پرىنسىپ قىلغان خەلقئارالىق ئورگانلاردا بولسا، بۇ خىلدىكى دىكتاتورلۇق ۋە مۇستەبىتلىك ئەسلا قوبۇل قىلىنمايدۇ. دېمەك، خىتاينىڭ ئاتالمىش «تۈزۈلمە ئەۋزەللىكى» دەل دىكتاتور دۆلەتلەرنى بىرلەشتۈرىدىغان كۈچ بولۇپ، بۇ قېتىمقى «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» يىغىنى دەل بۇ كۈچنىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىدىغان مەيدانىدۇر.

يىغىپ ئېيتقاندا، شى جىنپىڭنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا سەپىرى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خەيرلىك ئىش ئەمەسلىكى ئېنىق. چۈنكى «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» نىڭ قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسى ئۇيغۇرلارنى «ئۈچ خىل كۈچ» نامىدا يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان. يېقىندا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشى ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىدى. شۇنداقلا بۇ جىنايەتلەرنى چەكلىمىسىز تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. ناۋادا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدە ئۆتكۈزگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ب د ت تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈش پۇرسىتى يارىتىلىپ، بۇ جىنايەت خەلقئارادا رەسمىي يوسۇندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ قوبۇل قىلىنسا، بۇ جىنايەت يالغۇز خىتاينىلا ئەمەس، بەلكى «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» نىمۇ پاتقاققا تىقىشى مۇمكىن. بۇ ۋەجىدىن شى جىنپىڭ «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» نىڭ كۈچىنى خەلقئارادا كېڭەيتىشكە، تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرنى بۇ جىنايەتكە شېرىك قىلىشقا مۇھتاج. شۇنداق قىلغاندىلا، خىتاي ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» نىڭ تېرورلۇق، ئەسەبىيلىك ۋە بۆلگۈنچىلىكتىن ئىبارەت «ئۈچ خىل كۈچ» كە قارشى خەلقئارالىق ھەرىكىتىنىڭ بۈيۈك نەتىجىسى ۋە خىتاينىڭ «تۈزۈم ئەۋزەللىكى» نىڭ ئىسپاتى سۈپىتىدە خەلقئاراغا تەشۋىق قىلىش بىلەن بىرگە، ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىكى جىنايى مەسئۇلىيىتىدىن قېچىپ قۇتۇلالايدۇ.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسى قانداق بولۇشى كېرەك؟

ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نۆۋەتتىكى خەلقئارا ۋەزىيەت يەنىلا پايدىلىق بولۇپ، دۇنيا سوغۇق ئۇرۇشتىن كېيىنكى يەنە بىر قېتىملىق ئىدېئولوگىيەلىك بۆلۈنۈش دەۋرىدىگە كىرگەن بۇ پەيتتە، پۈتكۈل غەرب دۇنياسى ئۇيغۇرلار بىلەن بىر سەپتە تۇرماقتا. دېمەك، ئۇيغۇرلارغا ئەڭ پايدىلىق بولىدىغىنىمۇ غەرب دېموكراتىك ئەللىرى بىلەن بۇ ھايات-ماماتلىق كۈرەشتە بىر سەپتە تۇرۇشتۇر! بۇ ۋەجىدىن خىتايغا قارشى ھەرقانداق قارشىلىق ھەرىكەتلەردە غەرب دېموكراتىك قىممەت قاراشلىرىنى پرىنسىپ قىلىشى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ھەقلىق كۆرسىتىشىگە ئاساس بولىدىغان ھەرقانداق ھەرىكەتلەردىن يىراق تۇرۇشى كېرەك. بولۇپمۇ خىتاينىڭ «11-سىنتەبىر ۋەقەسى» دىن كېيىن ئۇيغۇرلارنى خەلقئارا تېرورزمغا باغلاش ئارقىلىق، ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزگەنلىكىنى ئەسلا ئۇنتۇپ قالماسلىق، خەلقئارادا ئۇيغۇرلارنىڭ تېرورلۇق بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقىغا ئىشىنىدىغان غەرب دۆلەتلىرى بولغىنىدەك، ئۇيغۇرلارنى تېرورلۇق بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىلايدىغان «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» دىن ئىبارەت بىر غايەت چوڭ خەلقئارالىق ھەمكارلىقنىڭ بارلىقىنى ئەسلا ئەستىن چىقارماسلىق كېرەك! چۈنكى ئۇيغۇرلار يالغۇز خىتاي ھاكېمىيىتىنىڭلا ئەمەس، بەلكى «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» دىن ئىبارەت بۈيۈك بىر خەلقئارالىق تەشكىلاتنىڭ يوقىتىش ئوبيېكتى قىلىنغان بىر خەلقتۇر. پەقەت دېموكراتىك غەرب دۇنياسى بىلەن بىر سەپتە تۇرۇشلا بىزنى بۈگۈنكى قاباھەتلىك قىسمەتلەردىن ساقلاپ قېلىشى، گويا ئۇكرائىنالىقلاردەك كۈچ ۋە ئۈمىدكە تولغان كەلگۈسىگە ئېلىپ بارالىشى مۇمكىن!

https://www.rfa.org/.../shi-ottura-asiya-09162022153125...

--

--