ئۇيغۇرلار ئىندىجىنىس(يەرلىك ۋە مۇستەملىكە) خەلقتۇر!

ئاسىيە ئۇيغۇر
8 min readMar 4, 2024

ئۇيغۇرلار ئىندىجىنىس(يەرلىك ۋە مۇستەملىكە) خەلقتۇر!

ئاسىيە ئۇيغۇر

بىر قىسىم ئۇيغۇرلار يېقىندىن بۇيان <ئىندىجىنىسلارنىڭ دۆلەت قۇرۇش ھوقۇقى يوق! ئۇيغۇرلارنى ئىندىجىنىس قىلىش ئاپتونومىيەگە ئېلىپ بارىدۇ…..>دېگەندەك قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەتتا بۇ قاراشلار سەۋەبلىك ئۇيغۇرلارنى <مۇستەقىلچى — ئاپتونومىيەچى، خائىن — ۋەتەنپەرۋەر، خىتايپەرەس — مىللەتپەرەس…..>قاتارلىق كاتىگورىيەلەرگە ئايرىش ئۈچۈن “خەلق ھەرىكىتى” قوزغاشقا ئاتلاندى. ئۇنداقتا بىز تەرەپ تۇتۇشتىن ئاۋۋال ، ئىندىجىنىسلىقنىڭ ئاپتونومىيە ۋە مۇستەقىللىق بىلەن بولغان مۇناسىۋېتى ھەققىدە چۈشىنىپ باقايلى:

قانداق خەلقلەر ئىندىجىنىس كاتىگورىيەسىگە كىرىدۇ؟

بۇ ھەقتە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاشلىق ۋە دېھقانچىلىق كومىتېتى يەرلىكلەرنىڭ ھەقلىرىنى قوغداشقا دائىر بىر دوكلاتىدا مۇنداق ئېنىقلىما بەرگەن.

<دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئوخشىمىغان جايلىرىدىكى پەرقلەر ۋە ئىندىجىنىس جەمىيىتىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى، مەدەنىيىىتى، تارىخى ۋە شارائىتى تۈرلۈك — تۈمەن پەرقلەر سەۋەبلىك، پۈتۈن دۇنيادىكى ئىندىجىنىس خەلقلەرگە ئورتاق بولغان بىر ئېنىقلىمىنى بېكىتىش تولىمۇ تەس. ئەمما، خەلقئارا قانۇن، كېلىشىملەر، مەسىلەن، <ب د ت ئىندىجىنىسلارنىڭ ھوقۇقى باياناتنامىسى>، <خەلقئارا ئەمگەك ۋە ئاشلىق تەشكىلاتى>نىڭ 169-نومۇرلۇق نىزامنامىسى ۋە <خەلقئارا ئاشلىق ۋە دېھقانچىلىق تەشكىلاتى>نىڭ <ئىندىجىنىس ۋە قەبىلە خەلقلىرى سىياسىتى>دىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئىندىجىنىسلار كاتىگورىيەسىگە مەنسۇپ خەلقلەرنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى تۆۋەندىكىچە:

1) ئۇلار ئۆزىنى ئىندىجىنىس دەپ قارايدىغان بولۇشى ۋە بەزى ئەھۋاللاردا باشقا خەلقلەر ياكى دۆلەت دائىرىلىرىمۇ ئۇلارنىڭ ئىندىجىنىس ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلىدىغان، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە كوللىكتىپ كىملىكى بولۇش؛

2) ئۇلار ئۆزلىرى ياشاۋاتقان زىمىن بىلەن ئۇزۇن تارىخىي باغلىنىشقا ئىگە بولۇش؛

3) ئۇلار ئەۋلاتمۇ — ئەۋلات داۋام قىلىپ، ئۆزىگە خاس مەدەنىيەت، تىل، ئۆرپ — ئادەت، جەمىيەت قۇرۇلمىسى، دىنىي ئېتىقاد، ئىدىيىۋىي قىممەت قاراش، ئىشلەپچىقىرىش ئۇسلۇبى، ئۆزىگە خاس قانۇن ۋە تۈزۈملەرنى ياراتقان بولۇش؛

4) ئۇلار ئۆز زىمىنىدا مۇستەملىكىچى تەرىپىدىن قۇل قىلىنغان ياكى قىلىنىۋاتقان، چەتكە قېقىلغان ياكى قېقىلىۋاتقان، كەمسىتىلگەن ياكى كەمسىلىتىلىۋاتقان، ھەتتا زىمىنىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان ياكى قوغلاپ چىقىرىلىۋاتقان بولۇشى……

ئىندىجىنىس خەلقلەرنىڭ سالاھىيىتىنى بېكىتىشتە بىر دۆلەت ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنى ئېتىراپ قىلغان ياكى قىلمىغانلىقىنى، بۇ مىللەتنى ئىندىجىنىس ياكى ئەمەس دەپ بېكىتىشتە ئۆلچەم قىلىنماستىن، ئۇ مىللەتنىڭ رېئاللىقىغا ئاساس قىلىنىدۇ. پۈتكۈل دۇنيادىكى ئىندىجىنىس خەلقلەر ئورتاق قوبۇل قىلىدىغان ئاتالغۇ”ئىندىجىنىس خەلقلەر”دۇر>.

دېمەك، ئۇيغۇرلار يۇقىرىدا ب د ت نىڭ ئىندىجىنىسلار كاتىگورىيەسىنى ئايرىشقا بەرگەن تۆت تۈر تۈرىنىڭ بىرىنجى تۈرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، قالغان ئۈچ تۈرىگە تامامەن چۈشىمىز. ئۇنداقتا بىز ئىندىجىنىس خەلقمۇ ياكى خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرمۇ؟

نىمە ئۈچۈن <خىتايدا ئىندىجىنىس خەلقلەر يوق، پەقەت ئاز سانلىق مىللەتلەرلا بار> ؟

خىتاي ھۆكۈمىتى ئىندىجىنىس خەلق ئاتالغۇسىنى <مۇستەملىكە ئاستىدىكى خەلق> دەپ ئىزاھلايدۇ. دېمەك خىتاي ھۆكۈمىتى ئىندىجىنىس خەلقنىڭ ئەسلىدە بېسىۋېلىنغان زېمىننىڭ ھەقىقىي ئىگىسى، مۇستەملىكە ئاستىدىكى خەلقنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئوبدان چۈشىنىدۇ ۋە شۇ ۋەجىدىن ئۆزلىرىدە <ئەزەلدىن ئىندىجىنىس خەلقلەريوق، بەلكى ھازىر بار بولغىنى ئاز سانلىق مىللەرلەردۇر> دەپ تەشۋىق قىلىدۇ. ئەمما قىزىقارلىقى شۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىندىجىنىس خەلقلەر ھەققىدىكى تەتقىقاتىنىڭ تولىمۇ كۆپ بولۇپ، دۇنيا مىقياسىدىكى ئىندىجىنىس خەلقەرگە بولغان “غەمخورلۇقى” كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. يەنى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل يوسۇندا غەرب دېموكراتىك قىممەت قاراشلىرىنىڭ قىممىتىنى چۈشۈرۈش، خەلقلىرى ئارىسىغا زىددىيەت ئۇرۇقى چېچىپ، بۇ دۆلەتلەردە سىياسىي داۋالغۇشلارنى پەيدا قىلىشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەن. ھەتتا بۈگۈن ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ئاۋاز چىقىرىۋاتقان غەرب دۆلەتلىرىگىمۇ، ئۇلارنىڭ تارىختىكى ئىندىجىنىسلارنىڭ تۇپراقلىرىغا تاجاۋۇز قىلغانلىقى، ئۇلارغا زۇلۇم قىلغانلىقىنى تۇتقا قىلىپ، غەربنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئاۋاز چىقىرىشىغا توسقۇنلۇق قىلىپ كەلدى.

تۆۋەندە بىز جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ھەيئىتىنىڭ 2004-يىلى تور بېتىدە ئېلان قىلغان مۇنۇ خەۋەرگە قاراپ باقايلى.

ب د ت باش شىتابىدا 2004-يىلى 5ئايدا ئېچىلغان < ئىندىجىنىس خەلقلەر دائىملىق مۇنبىرىنىڭ ئۈچىنچى قېتىملىق يىغىنى>دا ب د ت تېلېۋېزىيە قانىلىنىڭ مۇخبىرى، بېيجىڭ دىپلوماتىيە ئىنىستىتۇتىنىڭ پروففېسسورى چىن شاۋمېينى زىيارەت قىلغاندا مۇنداق سوئال سورىغان:

پروففېسسورچىن شاۋمېي سىز ئاڭلىغۇچىلىرىمىزغا ئىندىجىنىس خەلقلەر قايسى خەلقلەرنى كۆرسىتىدىغانلىقى ھەققىدە سۆزلەپ بېرەمسىز؟

چىن شاۋمېي بۇ سوئالغا مۇنداق جاۋاب بەرگەن:

بۇ مەسىلە ئىندىجىنىسلارنىڭ ئېنىقلىمىسىغا ئالاقىدار بولۇپ، نۆۋەتتە خەلقئارا جەمىيەت ۋە ئىلىم ساھەسىدە بۇ ھەقتە بىرلىككە كەلگەن ئېنىق بىر قاراش يوق. لېكىن ئىندىجىنىس خەلقلەرنىڭ مۇستەملىكىچىلەر باشقا جايلاردىن تاجاۋۇز قىلىپ كېلىشتىن ئاۋۋاللا، شۇ زىمىندا مەۋجۇت بولغان خەلقلەرنى كۆرسىتىدىغانلىقىدا قاراشلار ئاساسەن بىردەك (يەنى، ئىندىجىنىس خەلقلەر دېگەنلىك مۇستەملىكە ئاستىدىكى خەلق دېگەنلىكتۇر). ……

مۇخبىرنىڭ ئاخىرقى سوئالى مۇنداق: ئاخىرىدا بىر سوئالىم بار، خىتايدا ئىندىجىنىس خەلقلەر مەسىلىسى بارمۇ؟

چىن شاۋمېي بۇ سوئالغا تۆۋەندىكىدەك جاۋاب بەرگەن:

مەن يۇقىرىدا ئېيتقاندەك، “ئىندىجىنىس” ئۇقۇمى بولسا “مۇستەملىكىچىلەر “ بىلەن ئالاقىدار ئۇقۇمدۇر. جۇڭگو بولسا بىرلىككە كەلگەن، كۆپ مىللەتلىك دۆلەت. جۇڭگونىڭ تارىخىي تەرەققىىياتىدىن قارىساق، جۇڭگودا 56مىللەت تارىختىن بۇيان بىرگە ياشاپ كەلگەن. جۇڭگودا دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكىدەك ئىندىجىنىس خەلقلەر مەۋجۇت ئەمەس. يەنە شۇنى ئەسكەرتىمەنكى، “ئىندىجىنىس” لار بىلەن “ئاز سانلىق مىللەتلەر” دېگەن ئۇقۇملار بىر بىرىدىن پۈتۈنلەي پەرقلىق بولغان ئىككى ئۇقۇمدۇر. بەزى دۆلەتلەردە نۇرغۇن ئاز سانلىق مىللەتلەر بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ئۇلارنىڭ ئىندىجىنىس بولۇشى ناتايىن. بۇنداق ئەھۋالدا ئاسىيا، ئافرىقا ۋە ياۋروپا قاتارلىق دۆلەتلەردە كۆپ ئۇچرايدۇ. دېمەك مەلۇم بولدىكى، خىتاينىڭ نەزىرىدىكى ئىندىجىنىس سۆزى ئاپتونومىيە بىلەن ئەمەس، بەلكى مۇستەملىكە بىلەن ئالاقىدار سۆزدۇر. خىتاينىڭ ئىندىجىنىس خەلقىنى ئېتىراپ قىلماسلىقىنىڭ بىردىنبىر سەۋەبى، ئۆزىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق جىنايىتىنى يوشۇرۇش ئۈچۈندۇر!

دېمەك ، خىتاينىڭ نەزىرىدىكى ئىندىجىنىس سۆزى ئاپتونومىيە بىلەن ئەمەس، بەلكى مۇستەملىكە بىلەن ئالاقىدار سۆزدۇر. خىتاينىڭ ئىندىجىنىس خەلقىنى ئېتىراپ قىلماسلىقى، پەقەت تاجاۋۇزچىلىق جىنايىتىنى يوشۇرۇش ئۈچۈندۇر!

بىزگە مەلۇم، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروجەكتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىندىجىنىس خەلق ئىكەنلىكىگە دائىر دوكلاتى خەلقىمىز ئارىسىدا تۈرلۈك مۇنازىرىلەرگە سەۋەب بولدى. ئەمما ھېچكىم ئىندىجىنىس مەسىلىسىنىڭ ئاپتونومىيە بىلەن ئەمەس، بەلكى مۇستەملىكىچىلىك بىلەن ، بىر مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقى بىلەن باغلىنىشى بولغانلىقىغا دىققەت بەرمدى. ھەتتا <ئىندىجىنىسلارنىڭ ھەقلىرىنى قوغداش باياناتنامىسى>غا خىتاينىڭ قول قويۇش سەۋەبى ۋە ئامېرىكا، كانادا، ئاۋسترالىيە،يېڭى زىنلاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ قول قويۇشنى رەت قىلغانلىقىمۇ، ئىندىجىنىس مەسىلىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، مۇستەقىللىكىگە مۇناسىۋەتلىك بۇ مۇھىم ئىشتا خاتالىق سادىر قىلغان ھېچقانداق ئىنسان ياكى تەشكىلاتنى كەچۈرمەيدىغانلىقىنى جاكارلىغان كىشىلەرمۇ بۇ مەسىلىلەر ئۈستىدە ئىزدەنمىدى. ھەتتا ئىمزا توپلاش ئارقىلىق خاتالىق سادىر قىلغان تەشكىلاتلارنىڭ ئۆزلىرىگە ۋەكىللىك قىلمايدىغانلىقىنى دۇنياغا بىلدۈرۈشكە ئاتلاندى. ئەپسۇس! مىللەتكە ۋە ئۆزىمىزگە بولغان مەسئۇلىيەتنى باشقىلارنىڭ ئەقلىگە ھاۋالە قىلغانمىدۇق ئەجەبا؟

ئەمەلىيەتتە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىندىجىنىسلارنىڭ ھەقلىرىنى قوغداش ھەققىدىكى چاقىرىقى ب د ت قۇرۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي چىقىرىلغان.

بۇنداق بىر چاقىرىقنى چىقىرىشنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق باياناتنامىسى ۋە ب د ت ئەھدىنامىسىنىڭ روھىغا ئۇيغۇن بولۇپ، ئاساسلىقى ب د ت نىڭ مۇستەملىكىلىكنى يىلتىزىدىن يوقىتىش، ئىنسانلارنىڭ باراۋەر ھەق — ھوقۇققا ئىگە بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش تىرىشچانلىقىنىڭ نەتىجىسىدۇر. ئەمما خىتاي ئىسلاھات سىياسىتىدىن ئاۋۋالقى دۇنياغا ئىشىكنى تاقىشى ۋە ئىسلاھات سىياسىتىدىن كېيىنكى دۇنيانى قىرىق يىللىق ئالدىشى نەتىجىسىدە، ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئىندىجىنىس سالاھىيىتى خىتاي تەرىپىدىن ئاز سانلىق مىللەتكە ئۆزگەرتىلىپ، دۇنياغا قوبۇل قىلدۇرۇلغان. شۇ ۋەجىدىن خىتاي ب د ت دا ھەر ۋاقىت ئۆزىدە ئىندىجىنىس خەلقلەر مەسىلىسى ئەسلا مەۋجۇت ئەمەسلىكىدە چىڭ تۇرۇپ كەلگەن. ئەمما ئامېرىكا، كانادا ، يېڭى زىنلاندىيە، ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بولۇپمۇ <ئىندىجىنىسلارنىڭ ھەقلىرىنى قوغداش باياناتنامىسى>نىڭ 2007-يىلىدىكى نۇسخىسىنى ئىندىجىنىسلارنىڭ مۇستەقىللىقىغا ئاساس بولىدۇ ۋە شۇ سەۋەبلىك دۆلەت ئىچىدە مۇقىمسىزلىك كېلىپ چىقىدۇ دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن قول قويۇشنى رەت قىلغان.

ئەمدى باربادوس مەسىلىسىگە قارايلى. باربادوس كارىپ دېڭىز قولتۇقى رايونىدىكى بۇرۇن ئەنگىلىيە مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ،بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇستەملىكىچىلىكنى يىلتىزىدىن يوقىتىش چاقىرىقى ئاستىدا 1966- يىلى مۇستەقىللىق جاكارلىغان. بۇ يىل نويابىردا ئەنگلىيە پادىشاھلىقىدىن پۈتۈنلەي ئايرىلىپ، مۇستەملىكە تارىخىغا ئۈزۈل — كېسىل خاتىمە بەردى. كۆپۈنچە كىشىلەر بۈگۈنكى باربادوستا ئىندىجىنىسلار پەقەت بىر پرېسەنتنىلا ئىگىلەيدىكەن، ئۇ يەرنىڭ ئاساسلىق خەلقى قارا تەنلىك ئافرىقىدىن كەلگەنلەر ئىكەن. شۇڭا بۇ دۆلەتنى ئىندىجىنىسلار مۇستەقىل بولغان دېسەك بولمايدۇ دەپ قاراشتى. ئەمما باربادوس مۇستەقىللىقىنىڭ ئاساسى بەلكى ئۇنىڭ مۇستەملىكە سالاھىيىتىدۇر.

<ئىندىجىنىسلارنىڭ ھەق ھوقۇلىرى باياناتنامىسى>نىڭ 1-، 2-، 3- ماددىلىرىدا ئېنىق قىلىپ، ئىندىجىنىس خەلقلەرنىڭ باشقا ھەرقانداق خەلقلەر بىلەن ئوخشاش <ب د ت ئەھدىنامىسى> ۋە <دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى>دىكى بارلىق ھوقۇقلاردا باراۋەر ئىكەنلىكى، ئىندىجىنىس خەلقلەرنىڭ سىياسىي ئورنىنى ئۆزى بەلگىلەشكە ھوقۇقلۇق دەپ بېكىتىلگەن.

ئەمەلىيەتتە، ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلىشىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، خەلقئارا ئىزچىل تۈردە ئىنسانلارنىڭ ھەق — ھوقۇقلىرىنى ئەڭ يۈكسەك شەكىلدە كاپالەتكە ئىگە قىلىش يوللىرى ئۈستىدە ئىزدېنىش ۋە ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشلاردا بولدى. <دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى باياناتنامىسى> ۋە <ب د ت ئەھدىنامىسى> ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان تاكى بۈگۈنگىچە، ئىنسان ھەقلىرىنى قوغداشقا دائىر قانۇن، نىزام ۋە باياناتلاردىن 80دىن كۆپرەكى ئېلان قىلىندى. ئەڭ مۇھىمى، ئىنسان ھەقلىرىگە ئالاقىدار كېلىشىم، بايانات، نىزام، قارارلارنىڭ ھەممىسى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئەھدىنامىسى ۋە دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى ئاساسىدا تۈزۈلگەن. يەنى ب د ت ئەھدىنامىسى ۋە دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىلىرىنىڭ ھەر ئىككىسىدە ئىنسانلارنىڭ ئىرقىي، دىنىي ئېتىقادى، مىللىتى، تېرىسىنىڭ رەڭگى، تىلى ، ئۆرپ ئادىتى ، ئىجتىمائىي كېلىپ چىقىشىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر باراۋەر بولغان ئىنسانلىق ھوقۇقلىرىدىن بەھرىمەن بولۇش ھەققى بار دەپ بېكىتىلگەن. ئەگەر ب د ت ياكى ھەر قانداق بىر دۆلەت <ئىندىجىنىسلارنىڭ دۆلەت قۇرۇش ھوقۇقى يوق> دەپ قارىسا، ئۇلار ب د ت ئەھدىنامىسى ۋە دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى باياناتنامىسى، خەلقئارا قانۇن قاتارلىقلارغا خىلاپلىق قىلغان بولۇپ، پۈتكۈل دۇنيانىڭ بىردەك قارشىلىقىغا دۇچ كېلىدۇ. ئىنسان ھەقلىرى شۇ قەدەر مۇھىمكى، بۇ ھەقلەر ھەرقانداق ھەقلەرنىڭ ئەڭ يۈكسەك نوقتىسىدا تۇرىدۇ ۋە ب د ت غا ئەزا بولغان بارلىق دۆلەتلەر ئىسان ھەقلىرىنى باياناتنامىسى ۋە ب د ت ئەھدىنامىسىنى قوللىشى شەرت. شۇڭا ئىندىجىنىسلارنىڭ دۆلەت قۇرۇش ھوقۇقى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇلار ئىندىجىنىسى سالاھىيىتىدە ئۆزى دەسسەپ تۇرغان زىمىننىڭ قانۇنلۇق ئىگىسىدۇر.

لېكىن دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى باياناتنامىسى ۋە ب د ت ئەھدىنامىسى دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداشنىمۇ ئوخشاشلا مۇھىم ھېسابلايدۇ. ئەمما بىر دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ھېچقاچان ئىنسانلارنىڭ ھەق — ھوقۇقىدىن ئۈستۈن تۇرمايدىغانلىقى كوسوۋو مۇستەقىللىقىدىن بۇيان ب د ت ئەھدىنامىسىگە كىرگۈزۈلگەن.

شۇ سەۋەبتىن، ھەر قانداق بىر مىللەتنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق كۆرۈشى خەلقئارادا ئېتىراپقا، قوللاشقا ئېرىشىشنىڭ ئاساسى ئالدى بىلەن بۇ مىللەتنىڭ ئىنسانلىق ھەقلىرى خۇددىي تارىختىكى يەھۇدىيلاردەك، كوسوۋودەك ۋە بۈگۈنكى ئۇيغۇرلاردەك دەپسەندە قىلىنغانلىقى ئىسپاتلىنىشى بىلەن بولىدۇ. ئىنسان ھەقلىرىنىڭ بۇ قەدەر مۇھىملىقىنى كوسوۋو ۋە كاتالونىيالىقلارنىڭ مۇستەقىللىق كۆرەشلىرىنىڭ ئوخشىمىغان نەتىجە بىلەن ئاخىرلىشىشىدىن ئېنىق كۆرۈپ يېتەلەيمىز. يەنى، كاتالونىيا خەلقى ئۆزلىرىنى كاتالونىيانىڭ ئىندىجىنىس خەلقى ھېسابلايدۇ. ئەمما كوسوۋونىڭ 90پرېسەنت نوپۇسىنى تەشكىل قىلىدىغان ئالبانلار بولسا، كوسوۋونىڭ ئىندىجىنىس خەلقى ئەمەس. ئەمما كوسوۋو ئىرقىي قىرغىنچىلىققا دۇچ كەلدى ۋە ئىنسان ھەقلىرى بىر دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ شۇئارى ئاستىدا ناتونىڭ، خەلقئارا جامائەتنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈردى. ئەمما كاتالونىيا بولسا، ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى بولمىغان، دېموكراتىك ئىسپانىيەدە پۈتۈنلەي ئۆز ئۆزىگە خوجا شەكىلدە ئالىي ئاپتونومىيە ھوقۇقىدا مەۋجۇت بولغان بىر جاي. كاتالونىيانىڭ مۇستەقىللىقى، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئىچكى بۆلۈنۈش ۋە سىياسىي داۋالغۇشلىرىغا يول ئاچىدۇ. ئىنسان ھەقلىرى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈلگەن بىر زىمىندا خەلق ئەسلىدىنلا ئەركىن ۋە ھۆر بولغىنى ئۈچۈن ، زۆرۈر بولمىغان ئىچكىي زىددىيەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش كاتالونىيانىڭ مۇستەقىللىق ئارزۇلىرىنى رەت قىلىش بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. يەنى بۈگۈنكى دۇنيادا ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان ھادىسە بولۇپ، بۇ ھادىسە ئىندىجىنىس يەنى مۇستەملىكە قىلىنغان خەلقلەر ئۈستىدە بولغىنىدا ئۇنىڭ <ئىرقىي قىرغىنچىلىق> ئىكەنلىكىدە ھېچ بىر شەك بولمايدۇ. چۈنكى تارىختىن بۇيان بۇ ئىندىجىنىسلارغا قارىتىلغان بۇ خىل قىرغىنچىلىقلار ئوخشاش شەكىلدە، ئوخشىمىغان ۋاقىت ۋە جايلاردا قايتا — قايتا يۈز بەرگەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى 2016-يىلى چەكلەنگەن سۆزلەر ۋە ئاگاھلاندۇرۇش سۆزلىرىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، 2015-يىلى نويابىردا ئېلان قىلىنغان «شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەرلىرىدە چەكلەنگەن سۆزلەر (بىرىنچى تۈركۈم)» نىڭ 45 دانە چەكلەنگەن سۆز ۋە قېلىپلاشقان ئاتالغۇسىغا ئاساسەن ، بۇ نەشرىگە 57 يېڭى چەكلەنگەن سۆزلەر قوشۇلغان. بۇ چەكلەنگەن سۆزلەر ئىچىدە تەيۋەندىكى يەرلىك خەلق (ئىندىجىنىسلار)نى ئاز سانلىق مىللەت دېگەنگە ئۆزگەرتىپ، <يەرلىك(ئىندىجىنىس)خەلق> سۆزىنى چەكلەنگەن سۆزلەر قاتارىغا كىرگۈزگەن. چۈنكى خىتاي يىللاردىن بۇيان ئۆزىنى <خىتاي بولسا كۆپ مىللەتلىك بىرلىككە كەلگەن دۆلەت، خىتايدىكى بارلىق مىللەتلەر خىتاي ئىچىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەردۇر(ب د ت تور بېتىدە ئاز سانلىق مىللەت ئاتالغۇسى كۆپۈنچە كۆچمەن خەلق، سىرتتىن كۆچۈپ كەلگەن خەلقلەرگە قارىتىلىدىكەن)>دەپ تەشۋىق قىلغان.

2007-يىلى ب د ت دا ئېلان قىلىنغان <يەرلىك (ئىندىجىنىس)خەلقلەرنىڭ ھەقلىرىنى قوغداش باياناتنامىسى>غا ئىمزا قويغان ۋە رەت قىلغان دۆلەتلەر ھەققىدىكى راپپورت. راپپورتتا ئەينى چاغدا بۇ باياناتنامىنى رەت قىلغان 4 دۆلەتنىڭ نىمە سەۋەبتىن بۇ باياناتنامىگە قول قويمىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق مەلۇماتلار يېزىلغان. ئاساسلىق سەۋەب، بۇ باياناتنامىدىكى ئىندىجىنىس خەلقلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى بۇ دۆلەتلەرنىڭ پارچىلىنىشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى سەۋەبلىك ئۇلار بۇ باياناتنامىگە قول قويۇشنى رەت قىلغان.

كىم ئېيتقان يادىمدا قالماپتۇ، “سىياسەت دېگەن تەپەككۇر سەنئىتىدۇر” دېگەن بۇ سۆز ماڭا ھەر ۋاقىت ئىلھام بەخش ئېتىدۇ. كۆپ ئويلىنىش ۋە ئىزدىنىشنىڭ، كۆپ سۆزلەش ۋە ۋايساشقا قارىغاندا ئۈنۈمدارلىق يارىتىدىغانلىقىنى ياشىغانلىرىمدىن ھېس قىلدىم. دەرۋەقە، ھايات — ماماتلىق ئارىسىدا جان قايغۇسىغا چۈشكەن ئۇيغۇرنىڭ بىر پارچىسى بولۇش ۋە خىتايدەك دۇنيادىكى ئەڭ رەزىل ۋە كۈچلۈك بىر دۈشمەننىڭ قارشىسىدا تۇرۇشتەك ئەھۋالىمىزدا، دۇچ كەلگەن ھەر بىر داۋانلاردىن ئۆتۈشكە بالىلارچە كەم ئەقىللىق بىلەن ئەمەس، بەلكى دۇنياغا خوجا بولۇشنى نىشان قىلغان خىتايدەك بىر دۈشمەننى تىترەتكەن ئۇيغۇرغا خاس جاسارەت، پاراسەت ۋە ئەقىل بىلەن ئىش كۆرۈشىمىز ئەۋزەلدۇر. بولۇپمۇ، دۈشمەننىڭ دۇنيانى ئالدىيالايدىغان تاكتىكىلىرىنىڭ ئالدىدا، ئۇيغۇرلارنى ئالدىيالىشىنىڭ ھېچنىمە ئەمەسلىكىنى ھەر ۋاقىت ئېسىمىزدىن چىقارماي، ئۇيغۇرچە روھ بىلەن بىرلىك ئىچىدە ، خىتاينىڭ ھېچبىر كۈچى ئارىمىزغا قىسىلىپ كىرەلمىگۈدەك دەرىجىدە بىر بىرمىزگە مېھرى — مۇھەببەت، چەكسىز ئىشەنچ بىلەن ئۇيۇشۇپ، بارلىق كۈچىمىزنى خىتايدىن ئىبارەت دۇنيا دۇشمىنىگە قارىتىشقا مەركەزلەشتۈرۈش نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىمىزنىڭ ، كەلگۈسى ئىستىقبالىمىزنىڭ ئاساسىدۇر.

مۇناسىۋەتلىك مەنبەلەر:

1. 《在中央统战工作会议上的讲话》(2015年5月18日)

http://cpc.people.com.cn/.../2017/1123/c385476-29663133.html

2. https://www.un.org/.../docu.../treaty/files/OHCHR-1989.shtml 土著和部落人民公约

3. https://www.fao.org/3/i6190c/i6190c.pdf 联合国粮食和农业组织报告有关土著人定义

4. Who are indigenous peoples?

4. https://www.un.org/.../documents/5session_factsheet1.pdf

5. 土著人权的至暗时刻 — — 殖民主义下的种族灭绝

https://china.chinadaily.com.cn/.../WS6152fb33a3107be4979...

6. 联合国电台记者专访联合国土著人常设论坛中国专家秦晓梅

https://www.fmprc.gov.cn/.../zgylhg/shhrq/rqsw/t118458.htm

7. 马戎:对当代中国民族政策的反思

http://www.shehui.pku.edu.cn/.../20171123162540_5522.pdf

8. https://baike.baidu.com/.../%E7%A6%81%E7%94%A8.../20139960 禁用词

9. https://www.facebook.com/photo/?fbid=2012571072112310&set=a.186411821394920

10. https://www.storm.mg/lifestyle/311849?page=1 在中國的官媒,你不許講「原住民」這三個字

11. https://www.sbs.com.au/.../sovereignty-treaty-recognition... 澳洲原住民的主权

12. https://www.facebook.com/photo/?fbid=4600229453346446&set=gm.608448266864878 يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ھەق — ھوقۇقلىرىنى قوغداش باياناتنامىسى

13. ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، كانادا ۋە يېڭى زىنلاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ <يەرلىكلەرنىڭ ھەقلىرىنى قوغداش باياناتنامىسى>گە ئىمزا قويمىغانلىقىنىڭ سەۋەبى (ب د ت تور بېتىدىن ئېنگلىزچە ) https://www.un.org/press/en/2007/ga10612.doc.htm

--

--