ئاسىيە ئۇيغۇر
3 min readJun 4, 2022

--

ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشتا مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللىشى ئىنتايىن مۇھىم

شەيخ ئىمران نەزەر ھۈسەيىننىڭ ئۇيغۇرلارنى كۇپپارغا چىقارغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار گەرچە كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ غەزىۋىنى قوزغىغان بولسىمۇ، ئەمما ئىمران نەزەر ھۈسەيىننىڭ نىمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى كۇففار دەپ قارايدىغانلىقى ھەققىدە ئىزدېنىش ياكى سوئال سوراقلار ئاساسەن بولمىدى.

ئىمران نەزەر ھۈسەيىن كارىپ دېڭىز قولتۇقى دۆلەتلىرى گراجدانى بولۇپ، ترىنىداد ۋە توباگودىكى ھىندى-تىرىنىداد ئائىلىسىدە تۇغۇلغان . پۈتكۈل ھاياتىنى ئىسلام تەتقىقاتىغا بېغىشلىغان ئىسلام ئالىمى، فىلوسوف، سىياسىۇن ….دېگەن سۈپەتلەر بىلەن تەرىپلىنىدىغان بىر شەخستۇر.

ئۇ ئىسلام ئالىمى مۇھەممەد فازلۇر راخمان ئەنسارىنىڭ يېتەكچىلىكىدە پاكىستاننىڭ كاراچى شەھىرىدىكى ئىسلام تەتقىقات ئىنستىتۇتىدا ئىسلام دىنىنى ئۆگەنگەن . ئۇ يەنە كاراچى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەلسەپە كەسپىدە ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغان ، غەربىي ئىندىئان ئۇنۋېرسىتىتى ، تىرىنىداد ۋە خەلقئارا تەتقىقات ئىنستىتۇتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كەسپىدە ئاسپرانلىق ئوقۇغان. ئۇ ھەم ب د ت دىمۇ ۋەزىپە ئۆتىگەن. 1985-يىلى ئۇ دىپلوماتلىق كەسپىنى تاشلاپ مەخسۇس ئىسلام دىنى تەتقىقاتىغا ئۆزىنى بېغىشلىغان.

بۇ كىشىنىڭ ئۇيغۇرلارنى كۇففارغا چىقىرىشتىكى ئاساسلىق سەۋەبى، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى غەرب جەمىيىتىنىڭ ئويۇنى دەپ قارىغانلىقىدىن بولغان. چۈنكى ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن يۈز بەرگەن سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدىكى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدا، سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقى دەل <پەلەقستىن مەسىلىسى>نى كۆتۈرۈپ چىقىپ، پۈتكۈل مۇسۇلمان دۇنياسىدا غەربكە قارشى قارشىلىقنىڭ كۈچىيىشى ھەتتا تېرورلۇق تەشكىلاتى، ھەرىكەتلىرىنىڭ بارلىققا كېلىشى، شۇنداقلا ساناقسىز مۇسۇلمانلارنىڭ <سوغۇق ئۇرۇش ئۇرۇشى>نىڭ قۇربانىغا ئايلاندۇرغان. سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقى ئوتتۇرا شەرق مۇسۇلمان دۇنياسىنى سۆرەپ كىرگەن بۇ پاتقاققا پۈتۈن دۇنيادىكى زور كۆپچىلىك مۇسۇلمانلار پاتقان بولۇپ، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار مەسىلسىىگە مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ سۈكۈت قىلىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىمۇ دەل شۇدۇر.

تۆۋەندىكى خىتايچە يېزىلغان خىتاي تاشقىي ئىشلار بۆلۈمىنىڭ <پەلەستىن مەسىلىسى>نى قوللاپ بەرگەن باياناتى بىلەن ، پەلەستىن ھۆكۈمىتىنىڭ <خىتاينىڭ شىنجاڭ مەسىلىسىدىكى سىياسىتى>نى قوللاپ بەرگەن باياناتى نۇرغۇن مەسىلىلەرگە دەلىل بولالايدۇ.

ئەگەر بىز مەسىلىمىزگە ئوبيېكتىپ مۇئامىلە قىلالمىساق، مانا مۇشۇنداق بىزنىڭ ئىرقىي قىرغىچىلىققا ئۇچرىغانلىقىمىزنى دۆلەت نامىدىن قوللايدىغان پەلەستىننى خىتاي بىلەن بىرلىكتە قوللايدىغان زىددىيەتلىك ھادىسىلەر ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. بۇ خۇددىي پەلەستىن مەسىلىسى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر ھاياتىنى ئاتىغان ئىمران نازەر ھۈسەيىندەك ئىسلام ئالىمىنىڭ، ئۇيغۇرلارنى كۇپپارغا چىقىرىشىنىڭ سەۋەبىنىڭ خىتاي سەۋەبلىك ئەمەس، بەلكى غەرب ئۆچمەنلىكى، پەلەستىنگە بولغان ساداقىتى، قوللىشى سەۋەبلىك ئىكەنلىكىنى پەرقلەندۈرەلمەيدىغان ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ.

دەرۋەقە بىزنىڭ مەسىلىمىز مۇسۇلمانلىق سۈپىتىمىزدە پۈتكۈل مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ ھېسداشلىقى ۋە ياردېمىگە ئېھتىياجلىق بولغان مۇھىم مەسىلىدۇر. چۈنكى ھازىرغا قەدەر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن باشقا ھېچبىر كۈچ ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تېزراق ھەل بولۇشىغا تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ. چۈنكى ب د ت بولسا پۈتۈن دۇنيادىكى 200گە يېقىن دۆلەت بىر جامائەت بولۇپ يىغىلغان سورۇن. بۇ جامائەت ئىچىدە يۈز بەرگەن ھەرقانداق ھادىسە، جامائەتنىڭ ئورتاق پىكرى بىلەن ھەل قىلىنىپ كەلگەن ۋە قىلىنىدۇ. ئەمما ئۇيغۇر مەسىلىسىدە بۇ جامائەت ئىچىدىكى زور كۆپ ساننى ئىگىلەيدىغان مۇسۇلمان دۆلەتلەر، ئۇيغۇر مەسىلىسىگە دائىر مۇنازىرىلەردە غەربكە قارشى خىتاينى قوللاپ كەلگىنى سەۋەبلىك، جامائەت ئىچىدە ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغان ئاۋازلارنىڭ ئىزچىل ئاز بولۇشىغا سەۋەب بولىۋاتىدۇ. يىغىپ كەلسەك بۇ مەسىلىنىڭ تۈپ سەۋەبى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى تېرىغان <غەرب ئۆچمەنلىكى>نىڭ تاكى بۈگۈنگىچە داۋام قىلىۋاتقانلىقىدىن بولىۋاتىدۇ. ئەگەر مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ <غەربنىڭ ئويۇنى >بولماستىن بەلكى رېئاللىقتا يۈز بېرۋاتقان ۋە ئۇلارمۇ تارىختا باشتىن كەچۈرۈپ باققان مۇستەملىكىچىلەرنىڭ، مۇستەملىكە خەلققە يۈرگۈزىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكىدەك رېئاللىققا ئىشەندۈرەلمىسەك، ئۇيغۇر ئىرقىىي قىرغىچنىلىقىنى توختىتىش مۇمكىنچىلىكى ئاسانغا چۈشمەيدۇ.

بۇنىڭ ئۈچۈن قىلىدىغىنىمىز، بۇرۇن ۋە يېڭىدىن ئاشكارىلانغان ھۆججەتلەردىن ئۇرۇغ — تۇغقان، دوست- بۇرادەر، خۇلۇم — خوشنا، تونۇش -بىلىشلەرنى تېپىپ چىقىپ، گۇۋاھلىق ئارخىىپى تۇرغۇزۇش ۋە ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئېيتقاندەك <شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى>نى گۇۋاھلىقلىرىمىز ئارقىلىق تىرىلدۈرۈپ، ئۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشتۇر.

--

--