«ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش»نىڭ ئالدىنقى شەرتى «ئىسان ھەقلىرى»دۇر!

ئاسىيە ئۇيغۇر
2 min readJun 14, 2022

«ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش»نىڭ ئالدىنقى شەرتى «ئىسان ھەقلىرى»دۇر!

سېرىبىيە زىمىنىغا يەرلىك خەلق ھېسابلانمايدىغان كوسوۋولۇقلارنىڭ مۇستەقىللىقى ئىچكى جەھەتتىكى ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەشمۇ ياكى تاشقىي جەھەتتىكى ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەشمۇ؟

سېرىبىيە دۆلىتى تېرىتورىيەسى ئىچىدىكى” پەقەت ئىچكىي جەھەتتىلا ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى بولغان، ئەمما ئىگىلىك ھوقۇقى بولمىغان” كوسوۋو ئاپتونوم ئۆلكىسىنىڭ مۇستەقىللىقى نىمە ئۈچۈن ب د ت ۋە سېربىيە قوللىغۇچى دۆلەتلىرىدىن باشقا مۇتلەق كۆپ ساندىكى دېموكراتىك ئەللەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى؟

كوسوۋو مۇستەقىللىقىدىن ئۇيغۇرلار قانداق ئۆرنەك ئېلىشى كېرەك؟

ھەرقانداق بىر خەلقنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھەققى بار. ئەمما دۇنيانىڭ تېنچلىقى ئۈچۈن چىقىرىلغان بۇ قارار، يەنە ئوخشاشلا دۇنيانىڭ تېنچلىقىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش شەرتى بىلەن ئىجرا قىلىنىدۇ.

دۇنيا تېنچلىقىنىڭ ئالدىنقى شەرتى ئىنسانلارنىڭ باراۋەرلىك، ئەركىنلىك ئىچىدە ياشاش ھەقلىرىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىش ئىكەنلىكى ئۈستىدە بىرلىككە كېلىش بىلەن ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلغانىدى.

ئەمما خەلقلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى بىلەن دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ دەخلى — تەرۇزغا ئۇچرىماسلىقىدىن ئىبارەت ھەر ئىككى مەسىلە ئوخشاشلا دۇنيانىڭ تېنچلىقىغا مۇناسىۋەتلىك بولغىنى، شۇنداقلا بىرىنىڭ ھوقۇقى كاپالەتلەندۈرۈلگەندە، يەنە بىرىنىڭ ھوقۇقى مۇتلەق دەخلىگە ئۇچرايدىغانلىقىدەك نەتىجىنى كۆزدە تۇتۇپ، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاساسىنى «ئىنسان ھەقلىرى بىر دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ»پرىنسىپى ئاساسىدا ھەل قىلغان. يەنى بۇ دېمەكلىك، بىر دۆلەتتىكى مەلۇم بىر خەلقنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش مەسىلىسىدە، شۇ خەلقنىڭ ھەق — ھوقۇقلىرىنىڭ دەخلى — تەرۇزغا ئۇچرىغان ياكى ئۇچرىمىغانلىقى، باراۋەر، ئەركىن ۋە ھۆر ھاياتتا ياشىغان ياشىمىغانلىقى، قىسقىسى ھاكېمىيەت كۈچلىرى تەرىپىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىقتەك خەۋپلەرگە دۇچار بولغان- بولمىغانلىقىنى، ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھەققىنىڭ ئاساسى قىلغان. بۇنىڭ يېقىنقى زاماندىكى ئەڭ تىپىك مىسالى، كاتالونىيە مۇستەقىللىق ھەرىكىتى بىلەن كوسوۋو مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ نەتىجىلىرىدۇر.

كاتالونىيا خەلقى ئىسپانىيەگە مەنسۇپ بولغان كاتالونىيا ئاپتونوم رايونىنىڭ يەرلىك خەلقى بولۇش سۈپىتىدە مۇستەقىل بولۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغان. گەرچە ئومۇمىي خەلق ئاۋازغا قويۇشتا كۆپ سانلىق قوللاش بىلەن مۇستەقىللىق جاكارلىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ مۇستەقىللىقىنى خەلقئارا ، بولۇپمۇ غەرب دېموكراتىك ئەللىرى قوبۇل قىلمىدى. چۈنكى كاتالونىيا خەلقى ئىسپانىيەدەك بىر دېموكراتىك دۆلەتتە ئەركىن، ھۆر ۋە باراۋەر ھاياتتا ياشاۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆز تەقدىرىنى بەلگىلەشكە ئاساس بولىدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىل ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچلىكى ئەسلا يۈز بەرگەن ئەمەس. ئەكسىچە، كوسوۋو مۇستەقىللىقى ھەرىكىتىدە كوسوۋونىڭ 90پرېسەنتىدىن كۆپ نوپۇسىنى ئىگىلەيدىغان ئالبانلار، كوسوۋونىڭ يەرلىك خەلقلىرى بولمىسمۇ، ئۇلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىدەك پاكىت ئالدىدا دېموكراتىك ئەللەر كوسوۋو مۇستەقىللىقىنى دەرھال قوبۇل قىلدى ۋە كوسوۋونى مۇستەقىل ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەت دەپ ئېتىراپ قىلدى. گەرچە بۇ نەتىجىنى سېربىيە، خىتاي، روسسىيە قاتارلىق دىكتاتور ئەللەر قوبۇل كۆرمىسىمۇ، ئەمما كوسوۋو بۈگۈن يەنىلا مۇستەقىل ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دېموكراتىك بىر دۆلەتتۇر.

ئاسىيە ئۇيغۇر

--

--